ئەردوغان مېركېلغا تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا بېرلىندە يۈز بەرگەن ھۇجۇم سەۋەبىدىن تەزىيە بىلدۈردى.

634892
ئەردوغان مېركېلغا تەزىيە بىلدۈردى
berlin tır.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفوندا، بېرلىندىكى ھۇجۇم سەۋەبىدىن باش مىنىستىر مېركېلغا ۋە بارلىق گېرمانىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن. ئۇ بېرلىندە ئاپتوموبىل ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 12ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ دەردىگە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ۋەسىلە بىلەن يەنە، باش مىنىستىر مېركېلغا ھەلەبتىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر