كارلوۋ سۇيىقەستىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل رۇسىيە ھەيئىتى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

باش ئەلچىسى كارلوۋ سۇيىقەستىنى تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرىدىغان رۇسىيە ھەيئىتى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

634307
كارلوۋ سۇيىقەستىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل رۇسىيە ھەيئىتى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، سوراق قىلىش، تېببىي تەكشۈرۈش ۋە مۇراسىم خىزمەتلىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مەسئۇل قىلىنغان 18 كىشىلىك رۇس ھەيئەت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

رۇسىيە ھەيئىتى بىر تەپتىش، بىر خەۋپسىزلىك ئىشلىرى دىپلوماتى، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى خادىملىرى، قانۇن دوختۇرخانىسى خادىملىرى ۋە پىسخىئولوگلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

سۇيىقەستكە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى رۇس ۋە تۈرك ئەمەلدارلار بىرلىكتە ئېلىپ بارىدۇ.

باش ئەلچى كارلوۋنىڭ جىنازىسىنىڭ باش مىنىستىر ياردەمچىسى تۈركەشمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان بىر مۇراسىمدىن كېيىن بۈگۈن كەچتە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدىن رۇسىيەگە يولغا سېلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر