بالىقئەسىردا ئىچىنىشلىق كۆچمەن پاجىئەسى يۈز بەردى
بالىقئەسىر دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە چۆكۈم كېتىپ، 4 كىچىك بالا ۋە بىر ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى
634506
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىقئەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مادەن ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيەگە كەتمەكچى بولغان پاناھلانغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان كېمە چۆكۈپ كېتىپ 4 كىچىك بالا ۋە بىر ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى.
دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىقى ئەترىتى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىپ، 7 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى. غايىپ بولۇپ كەتكەن 1 كىشىنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
كۆچمەنلەر كېمىدە 13 كىشى بارلىقىنى بىلدۈردى.