ئەردوغان: تۈركىيە ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتىن، تېررورىزمغا قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىش يولىدا غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

633060
ئەردوغان: تۈركىيە ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانى بىلەن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاممىۋى ئۆي – مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن ترابزوننىڭ ئاقيازى ناھىيەسىدە بەرپا قىلىنغان ۋە تۈركىيەنىڭ دېڭىز ئۈستىگە سېلىنغان تۇنجى شەنول گۈنەش تەنتەربىيە زالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى ھەمدە خەلققە خىتاب قىلدى.

خىتابىدا يەنە بىر قېتىم تېررورىزمغا قەتئىي ول قويۇلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇھىم سىگنال بەرگەن ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ناھايتى مۇھىملىقىنى، تەخمىنەن 1 يېرىم ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن تۈركىيە خەلقىنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن دېگۈدەك بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزمنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى دۆلىتىمىز ھەم خەلقىمىزنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تار قەپىسىگە ۋە ئەرزىمەس كۈنتەرتىپىگە مەھكۇم قىلىپ قويۇشتۇر. بىز بۇ تۇزاققا ھەرگىز چۈشمەيمىز. تېررورىزمغا قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەتئىي ئىدارىمىز بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سېلىنما لايىھەلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزغا يېتىش يولىدا غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەيمىز.»

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان: «خالىغىنىڭلارچە تېررور بوران – چاپقۇنلىرىنى چىقىرىڭلار، ئەمما خەلقىمىزنى پارچىلاش نىيىتىڭلارغا ئەسلا يېتەلمەيسىلەر. ئىشىنىمەنكى، ئۇلار تېررورغا يۈگۈرگەنسېرى، مېنىڭ ئەزىز خەلقىم بىرلىشىشكە يۈگۈرەيدۇ. بىز پۈتكۈل خەلقىمىز بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپىمىز، تېررورىزم ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىلغانغا قەدەر كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان نۇتىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن قاتار ئەمىرى شەيخ ئەلسانى بىلەن بىرلىكتە تەنتەربىيە زالىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى.

مۇراسىمدا ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلارغا گۈل تەقدىم قىلىندى، شېھىتلەر خاتىرىلەندى ۋە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى.

تەنتەربىيە زالىدىكى مىڭلارچە كىشى، «شېھىتلەر ئۆلمەس، ۋەتەن پارچىلانماس» تەرىقىسىدە شوئار توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر