ئەردوغان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

632820
ئەردوغان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەتبۇئات ئىشلىرى بىيۇروسى تەمىنلىگەن ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبەتلىرىدە ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ نەزەربايېۋنى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 12 – دېكابىردا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئاستانە زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

نەزەربايېۋنىڭ پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە بولسا، ياۋرو – ئاسىيا ئالىي ئىقتىساد كېڭىشى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىغا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

رايون ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان تېلېفون سۆھبەتلىرىدە ئەردوغان بىلەن پۇتىن، سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پىرېزىدېنت نەزەربايېۋمۇ قازاقىستاننىڭ پايتەخت ئاستانەدە بۇ خىل مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، مۇنبەر ھازىرلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر