ئەردوغان ئوباما، پۇتىن ۋە مېركېل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

631568
ئەردوغان ئوباما، پۇتىن ۋە مېركېل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاھور بىلەن بىرلىكتە جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەلەب مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ۋە پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىدا ئالدى بىلەن پۇتىن بىلەن ئارقىمۇئارقا كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، بۇ دائىرىدە ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭمۇ باسقۇچنى بىرلىكتە تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ھەلەبتە پۇقرالار ۋە يارىلانغانلاردىن ئىدلىبقا بارغانلارنىڭ ئۇدا بىرقانچە ھەپتىدىن ۋە بىرقانچە ئايدىن بۇيان ناھايتى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى بولۇپمۇ نارىسىدە بالىلار ۋە ياشانغانلارنى تۈركىيەدىكى چېدىر شەھەرلەرگە، ئىمكانىيەت يار بەرگەن تەقدىردە ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، چۈنكى بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غەربلىك بەزى دۆلەتلەر <بىر كىشى كەلسىمۇ ئالمايمىز> دەۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، بىزنىڭ بىر كىشى ئەمەس، مىڭ كىشى كەلسىمۇ قوبۇل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي. چۈنكى مەن خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بىنالارنىڭ ئارىسىدىن نارىسىدە بالىلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە يۈرەك – باغرىم  پۇچىلىنىپ كېتىدۇ.»

كېلىۋاتقان يارىلانغانلار ۋە پۇقرالار ئۈچۈن ئىدلىب ۋە تۈركىيەدە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى بىلەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بۇ ئارىلىقتا، مېركېل خانىم بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم. سۆھبىتىمىزدە بۇ ھەقتە تاشلاشقا تېگىشلىك قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. مېرېل خانىممۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە گېرمانىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ياردەملەرنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەنمۇ كۆرۈشلەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، ئوباماغا ئىراقتا بولۇپمۇ تەلئەفەر ۋە سىنجاردا كۈتۈلمىگەن بىرەر ئەھۋال يۈز بەرگەن تەقدىردە، بۇنىڭ ناھايتى جىددىي قەدەم تاشلاشنى تەقەززا قىلىدىغان بىر مەسئۇلىيەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئوبامانىڭمۇ تۈركىيەنىڭ ھەلەبتىكى پۇقرالارنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر