فىكرى ئىشىق پارىژدا

دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا زىيارەتتە بولماقتا.

629992
فىكرى ئىشىق پارىژدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىكرى ئىشىق پاېرىژدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە غەربىي فىرانسىيە تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن كورنوبىل – ئېسسوننېس رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى يېن يۋېس درىيان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايونىمىز ناھايتى مۇشەققەتلىك بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرمەكتە. جۈملىدىن رايونىمىز 1961 – يىلقى Sykes-Picot  كېلىشىمىدىن بۇيان ئەڭ بۇھرانلىق مەزگىلنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ بۇھراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ سۈرىيەدە دەمەشق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى بومبىلىشى بىلەن باشلانغان باسقۇچتىن كېيىن تۈركىيە ناھايتى جىددىي تەھدىتلەرگە دۇچ كەلدى. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تەھدىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ 2013 – يىلدىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى – تاشقى تەھدىلەرنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىشىق، تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم لايىھەسى، قانال ئىستانبۇل، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قاتارلىق ئىلغار لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارار قىلغان بىر پەيتتە، گەزى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى بەدەل تۆلەتكۈزمەستىن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشكەن بىر پەيتتە، 17 – 25 – دېكابىر كۈنلىرى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىشىق، بۇ سۇيىقەستنى پىلانلىغان ئۇنسۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئەڭ چوڭ خىيانەت ئۇرۇنۇشىنى 15 – ئىيۇل كۈنى باشتىن كەچۈردى. قانداقلا بولمىسۇن، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋاە ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى ۋە مىسلىسىز  جاسارىتىنىڭ سايىسىدا بۇ بالالارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دەپئىي قىلدۇق. ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيەگە زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان خائىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەرگىزمۇ مەقسىتىدگە يېتەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر