چاقماق خەۋەر: ئەردوغان مىللىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى

ئايلاردىن بۇيان بىگۇناھ خەلقى تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە قۇربان بولۇپ كەتكەن تۈركىيەنىڭ سەۋر قاچىسى تاشتى.

630447
چاقماق خەۋەر: ئەردوغان مىللىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاساسىي قانۇننىڭ 104 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مىللىي سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 32 – نۆۋەتلىك مەھەللە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئىسمى، پىكرى، ئۇسلۇبىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، PKK سى، دائېشى، فەتۆسى، DHKP-C سى ۋە باشقا پۈتكۈل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى مىللىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە خىتاب قىلىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى دۆلىتىمىزمۇ، خەلقىمىزمۇ سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىدۇر، ئارقاڭلاردىدۇر. ھوقۇقۇڭلارنى ئاخىرىغىچە ئىشقا سېلىشتىن قەتئىي چېكىنمەڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن تاغدىكى تېررورچىغىمۇ، شەھەردىكى تېررورچىمغىۇ، ئۇلارنى قوللىغان ھېچكىمگە بىر لەھزىمۇ خاتىرجەملىك يوق، راھەت يوق» دېدى.

نۆۋەتتە ھەم تۈركىيە ھەم رايوندا تولىمۇ خۇپىيانە ، ناھايىتى پەسكەش، پەۋقۇلئاددە قانلىق ئويۇنلارنىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «دۆلىتىمىزنى ۋەيران قىلماقچى بولغانلارغا يول قويمايمىز. سۈرىيەدە، ئىراقتا، لىۋىيەدە يەنە نۇرغۇن جايدا بۇنى قىلدى، لېكىن بىزگە قىلالمايدۇ. خارابىلىكلەرنىڭ ئارىسىدا، قۇچىقىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ جانسىز بەدەنلىرى ياتقان ھالەتتە بىچارىلەرچە يىغلىشىمىزنى كۈتكۈچىلەرگە ئۇ كۈنلەرنى كۆرسەتمەيمىز... مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكىگە، باراۋەرلىكىگە، قېرىنداشلىقىغا زىيان سالماقچى بولغانلارنىڭ بېشىنى ئېزىپ تاشلىمىساق، مەۋجۇتلۇقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايمىز. بايرىقىمىزنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغاننىڭ قولى – قانىتىنى سۇندۇرۇپ تاشلىمىساق، شېھىتلىرىمىزگە يۈز كېلەلمەيمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ بىر غېرىچ زېمىنىغا بولسىمۇ نەزىرىنى سالغاننىڭ كۆزىنى ئويۇپ تاشلاش بىزنىڭ ئار – نومۇس ۋەزىپىمىزدۇر.» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 32 – نۆۋەتلىك مەھەللە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2015 – يىلى 20 – ئىيۇلدىن بۇيان دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە تەشكىلاتنىڭ ئۆلۈك، يارىدار ۋە قولغا چۈشۈش بولۇپ 9500 كىشىسىدىن ئايرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەشكىلاتنىڭ قولى قانلىق كۆپلىگەن كاتتىباشلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق گۇماندارىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، 10500 دىن ئارتۇق گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «ھېچبىر شېھىدىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمىدۇق، قويمايمىز. بۇنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنىڭ بىلىنىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر