ئەردوغان تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملاردىن ھال سورىدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملاردىن ھال سوراپ، دۆلەتنىڭ ھەمىشە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

629196
ئەردوغان تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملاردىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملار ئىدارىسىنى زىيارەت قىلغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ غەربنىڭ تۈركىيەنى پارچىلاش سۇيىقەستىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى: «زالىمغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزسەڭلار، مەزلۇمغا خىيانەت قىلغان بولىسىلەر. ھازىر تېلېۋىزۇر كۆرۈۋاتقانلارمۇ بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇپ قالسۇن. خەلقىمىزمۇ ۋاقىپ بولسۇن. سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا بىز بار، دۆلىتىمىز بار، ھۆكۈمىتىمىز بار. شۇڭا، سىلەرگە بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن قىلچە ئايانماڭلار.»

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇمۇ ئىستانبۇلدىكى تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملار ئىدارىسىغا بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن ھال سورىدى ھەمدە مۇنداق دېدى: «شېھىت بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانلىرى ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ. ئەزىز خەلقىمىز خاتىرجەم بولسۇن. بۇ خائىنلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى قوللىغۇچىلىرىدىن چوقۇم قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ.»

ئىستانبۇلدا شەنبە كۈنى كەچتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملارنى نىشان قىلغان قوش ھۇجۇمىدا 37  سى ساقچى بولۇپ، جەمئىي 44 كىشى شېھىت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر