ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن چوڭقۇر ئازاب ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

629173
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي ئىستانبۇلدا 44 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، تېرېسا مەي ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئازابىغا تەڭ قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خائىنلارچە ھۇجۇمدا شېھىت بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تېرېسا مەي ھۇجۇمدىن  چوڭقۇر ئازاب ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر