ئەردوغان ۋە يىلدىرىم يارىدارلاردىن ھال سورىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلاردىن ھال سورىدى.

628162
ئەردوغان ۋە يىلدىرىم يارىدارلاردىن ھال سورىدى
erdoğan, yıldırım ziyaret açıklama 2.jpg
erdoğan, yıldırım ziyaret açıklama 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىدا يوقلىغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، «38 شېھىدىمىز، 155 يارىدارىمىز بار. بۇ كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزدىن ھېچكىم شۈبھىلەنمىسۇن. بىز قورقۇپ، مەيداننى بۇ پەسكەشلەرچە تاشلاپ بەرگۈدەك دەرىجىدە ناكەسلىشىپ كەتمىدۇق. بىز بۇ يولغا كېپەنلىرىمىزنى كىيگەن ھالدا چىقتۇق. يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىندى. بۇنى بولدى قىلىۋەتمەيمىز. ئۇلار تېخىمۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلارنى يوقلاپ، شىپالىق تىلىدى. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن بايانات بەرگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل پەسكەشلىكلىرىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ھۇجۇمنى قايسى تەشكىلاتنىڭ سادىر قىلغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ مەسىلە ئەلۋەتتە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، لېكىن كۈچلۈك ئېھتىماللىق بۇنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىدە قىلچە شۈبھىمىز يوق. قايسى تەشكىلات قىلغان بولسا بولسۇن، ئىنساننىڭ جېنىغا، بىرلىكىگە، باراۋەرلىكىگە، قېرىنداشلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق تەشكىلاتلار بىز ئۈچۈن ئوخشاش دەرىجىدە پەسكەشتۇر، كۈرەش قىلىنىدىغان گۇرۇھلاردۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر