ۋولس نېمە ئۈچۈن پۇتىنغا، ترامپقا ۋە ئەردوغانغا قارشى نامزاتلىقىنى جاكارلايدۇ؟

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيەدە پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇش ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن مانۇئېل ۋولسنىڭ ئاللىبۇرۇن مەغلۇب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

626161
ۋولس نېمە ئۈچۈن پۇتىنغا، ترامپقا ۋە ئەردوغانغا قارشى نامزاتلىقىنى جاكارلايدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىزنىڭ گېرمانىيە بىلەن ھېچقانداق مەسىلىمىز يوق، ئەمما كۆزىمىز كۆرۈۋاتقان خاتالىقلارنى سۆزلەۋاتىمىز» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسترلار كېڭىشى يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى تۈرك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇ گېرمانىيەدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن ۋە تېررورىستلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «DHKP-C» غا مۇناسىۋەتلىك 4500 دېلو ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ بالدۇرراق نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ ياۋروپادا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىسلام ئۆچمەنلىكى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ، بۇ ئېقىملارنىڭ ياۋروپانىڭ مەنىۋى قىممەت بايلىقلىرىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خۇسۇسەن مەن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. بىز ھازىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى مەنزىرەلەرنى كۆرۈشكە باشلىدۇق، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. سىياسەتچىلەر مىللەتچىلىكنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. فىرانسىيەدە مانۇئېل ۋولس پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇش ئۈچۈن ئىستېپا بەردى. سوتسىيال دېموكرات ۋولس نېمە ئۈچۈن پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جاكارلايدۇ؟ ۋولس <فىرانسىيەنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمەن، تېخىمۇ كۈچلەندۈرىمەن> دېگەننىڭ ئورنىغا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا، ئامېرىكىدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپقا ۋە دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى نامزات بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋولس بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇن مەغلۇب بولغان نامزاتقا ئايلاندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ خىل ئۇسۇلدا نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغان بىر كىشىدىن، ياۋروپا، ياۋروپا خەلقى ۋە فىرانسىيە ھېچنىمىنى ئۈمىد قىلماسلىقى كېرەك. دۇنيادا بۇنداق غايە يوق. بىز ھېچكىمنىڭ نامزاتلىقىغا قارشى ئەمەس، ھېچكىمنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشمايمىز. ئەمما، ۋەزىيەتنىڭ ھەرقاچان ئۆزگىرىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا مەجبۇرمىز.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن قېتىم كۆپلىگەن تەشكىلاتلاردا تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىغا، تاشقى سىياسىتىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇھىم ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقلارنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر