سۈرىيەدە ئونلارچە دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا.

626233
سۈرىيەدە ئونلارچە دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 107 – كۈنىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 32 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى، دائېشقا قارشى تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. مەزكۇر كۆرۈنۈشلەردە، 3 تانكا، 1 ئاپتوموبىل بومبا ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى پايدىلىنىۋاتقان بىنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 نۇقتا يوقىتىپ تاشلانغانلىقى كۆرۈلدى. بۇ ھەرىكەتتە دائېش ئەزاسى 23 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ھاۋا ھەرىكىتىدىن كېيىنكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، يەنە 9 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جايلاردا 42 مىنا بىلەن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان 1008 دانە پارتلاتقۇچ پىلانلىق ھالدا چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر