ئەردوغان: كېرەكلىك قەدەملەر تاشلانمىغان تەقدىردە، گېرمانىيەگە ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيە دائىرلىرىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ۋەكىلى ئايشەنۇر باھچەقاپىلىغا قىلغان مۇئامىلىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

625560
ئەردوغان: كېرەكلىك قەدەملەر تاشلانمىغان تەقدىردە، گېرمانىيەگە ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ۋەكىلى ئايشەنۇر باھچەقاپىلىنىڭ گېرمانىيەدە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭمۇ گېرمانىيەگە ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۆتكۈزۈلگەن 31- نۆۋەتلىك مەھەللە باشلىقلىرى يىغىنىدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ۋەكىلى ئۇچرىغان ناچار مۇئامىلىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى؛ گېرمانىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا كىملىك، پاسپورت قاتارلىق نەرسە – كېرەكلىرى بولغان سومكىسىنىڭ ئوغرىلىنىشىدىن كېيىن تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن ئېلىنغان ۋاقىتلىق پاسپورتىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، باھچەقاپىلىغا ئايرودورۇمدا ئۆتۈش رۇخسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «سەن تېررورچىنى ئېلىپ دۆلىتىڭدە مېھمان قىلىسەن. لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى ۋەكىلىنى ۋە ھەيئىتىنى ئۇ يەردە ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر قانچە سائەت ساقلىتىسەن. ئەمدى بۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك بولمامدۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن ئەردوغان دىكتاتور بولىدۇ. سەن مېنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا بۇ خىل مۇئامىلىنى قىلساڭ، مېنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك. بۇ ئىشنى قىلغان بارلىق خادىملارغا كېرەكلىك ئىشلارنى قىلمايدىغان بولساڭ، تۈركىيەمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇردۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر