تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئونلارچە چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئونلارچە چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

624507
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئونلارچە چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاغرى ۋىلايىتىنىڭ دوغۇبايازىت ناھىيەسىدە 83 قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم، دوغۇبايازىت – گۈربۇلاق تاش يولىدا بىر ئاپتوبۇسنى توختىتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق 37 سى پاكىستانلىق، 17 سى ئافغانىستانلىق بولۇپ جەمئىي 54 كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

گۇمانغا ئاساسەن تەكشۈرۈلگەن ئىككىنچى بىر ئاپتوموبىلدىكى يەنە 10 پاكىستانلىق قولغا چۈشۈرۈلدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئاھمەدى خانى مەھەللىسىدىمۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئېلىپ چارلاش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە 15 ى ئافغانىستانلىق، 4 ى پاكىستانلىق بولۇپ جەمئىي 19 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

بۇ جەرياندا، مەزكۇر ۋەقەلەرگە چېتىشلىقى بار 5 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر