خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى

شانلىئۇرفانىڭ ۋىرانشەھىر ناھىيەسىدە ساقچىلارنىڭ «تەسلىم بول» دېگەن چاقىرىقلىرىغا ئوق چىقىرىپ جاۋاب قايتۇرغان 4 تېررورچى، يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۇجۇقتۇرۇلدى.

623191
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش شۆبە باشقارمىسى خادىملىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، PKK تېررورچىلىرىنىڭ دەمىرجى مەھەللىسىگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى؛ تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ساقچىلارنىڭ «تەسلىم بول» دېگەن چاقىرىقلىرىغا ئۆيدىكى تېررورچىلارنىڭ قورال ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى، توقۇنۇشتا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تاغ ئۇنسۇرلىرىدىن 4 تېررورچى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۇنجەلى ئالىبوغازى ۋادىسىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بىتچىت قىلدى ۋە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 8 تېررورچىنى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈردى.

ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدىمۇ سۈرىيە چېگراسىدىن بومبا ۋە ئوق – دورا ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر تۈركۈم تېررورچىلار، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشى جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش سۈرئىتىنى ئاشۇرغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، پەقەت نويابىر ئېيىدىلا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 317 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر