چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئانتاليادا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

621805
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە 600 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى پىرېزىدېنت بەششار ئەسەدكە دائىر قارىشىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،  «رۇسىيە بىلەن ئەسەد توغرىسىدا بەزىدە پەرقلىق ئويلىشىمىز مۇمكىن. بۇ تەبىئىي ئىشتۇر. لېكىن، ئۇرۇش توختىتىش، ئىنسانىي ياردەم ۋە سىياسىي چارە مەسىلىلىرىدە ھەمپىكىرمىز» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن كەچتە تۈركىيەگە كەلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئانتاليادا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سۇرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىلالمىسا، دائېش تازىلانغان تەقدىردىمۇ كېلەچەكتە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «پاتقاقلىقنى قۇرۇتىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى يولى سىياسىي چارىدۇر» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ، 24 – نويابىردا ئەلبابتا تۈركىيەنىڭ 3 ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇم توغرىسىدا توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بۇ ھۇجۇمدا رۇسىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق، تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە نە رۇسىيە نە سۈرىيە ئوق چىقارمىدى» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقى سۈرىيەدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ نۆۋەتتە بىز ئىزدا توختاپ قېلىش مەۋجۇت. خەلقئارا ئورگانلار، گۇرۇپپىلار بۇ مەسىلىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، لېكىن، نېمىشقىدۇر ھەرىكەت يوق. بىز كۈتۈپ تۇرالمايمىز، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى كونكرېت ھەمكارلىقى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىككى مىنىستىر يەنە، سودا ۋە ئىقتىسادتىكى ئاقساقلىقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزئارا خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىلەن  پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر