تۇنجەلىدىن شېھىت خەۋىرى كەلدى

تۇنجەلىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يارىلانغان ئىككى ئەسكەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

619171
تۇنجەلىدىن شېھىت خەۋىرى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىبوغازى رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئەلازىغ فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ بالنىستقا ئېلىنغانىدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى خەريانىدا 3 تېررورچى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.

بۇلارنى قوشقاندا، رايوندا 23 - نويابىردا باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى 8 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر