مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېھراندا تۈنجى بولۇپ، پىرېزىدېنت رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا سۈرىيە مەسلىسى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېھراندا تۈنجى بولۇپ، پىرېزىدېنت رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىران پىرېزېدېنتلىق ئىشخانىسىدا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا سۈرىيە ۋە رايوندىكى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى جەۋاد زارىف بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.