ئەردوغان گېرمانىيەگە ئۆزىنىڭ دوكلاتى بىلەن زەربە بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتاينمايېر بىلەن 15 – نويابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشىدا،  شتاينمايېرنىڭ ئالدىغا گېرمانىيە ئاخبارات ئورگىنى فېدېرال ئاساسىي قانۇننى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2015 – يىلى ئىيۇلدا ئېلان

617642
ئەردوغان گېرمانىيەگە ئۆزىنىڭ دوكلاتى بىلەن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە فېدېرال ئاساسىي قانۇننى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك 1984 – يىلدىن بېرى گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پ ك ك مىلىتانلىرىنىڭ سانى 1993 – يىلى 7 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 2014 – يىلىغا كەلگەندە 14 مىڭغا يەتكەن. شۇنداقتىمۇ گېرمانىيە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە گېرمانىيەدىكى تېررورىستلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەن.

  گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە پ ك ك لىقلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى تېخىچە نەتىجىلەنمىگەن. دۆلەتتىكى ئېغىر تېررورلۇق جىنايەتلىرىدە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان فېدېرال باش تەپتىش مەھكىمىسى 1992 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە پ ك ك ئەزالىرى ئۈستىدىن پەقەت 71 قېتىملا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا. ھازىرغىچە گېرمانىيەدىن كەم دېگەندە 130 كىشى سۈرىيەگە كىرىپ،  پ ي د / ي پ گ نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە بۇ يەردە ئۇرۇش قىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

دوكلاتتا بايان قىىلىنىشىچە، گېرمانىيە پ ك ك ئۈچۈن <بىخەتەر پورت> شەكىللەندۈرگەن. پ ك ك قوللىغۇچىلىرىدىن 13 مىليون ياۋرو توپلىغان.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى 1993 – يىلى گېرمانىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە ئايرىم – ئايرىم 60 جايغا ئوت قويۇپ بەرگەن بولۇپ، نىشانى تۈرك دىپلوماتلار، بانكىلار، رېستورانلار ۋە جەمئىيەتلەر ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر