ئەردوغان: لىدىر تاشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالسا، خەلق تاغنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋالىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا دائىر سىياسەتلىرىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

614582
ئەردوغان: لىدىر تاشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالسا، خەلق تاغنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا CBS قانىلىنىڭ «60 مىنۇت» ناملىق پىروگراممىسىغا چىقىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قايتۇرۇلۇش مۇساپىسى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۇرىيە سىياسىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنىڭ خاتىرىلىتىلىشىدىن كېيىن، بۇ ھەقتە ھەم ئامېرىكا پىرېزىدېنت باراك ئوباما ھەم پىرېزىدېنت ياردەمچىسى جو بايدىن بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىروگراممىدا، تۈرك خەلقىنىڭ بولۇپمۇ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا غەزەپلەنگەنلىكى، تۈركىيەدە ئامېرىكىغا قارشى خاھىشنىڭ ئۇلغايغانلىقى تەكىتلەندى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەندە ئەردوغاننىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تەتىل قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن پىروگراممىدا، «ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقتىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالغا ئەردوغان، «بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا بىر نەرسە بار، بىز تەسلىمىيەت ئىچىدىمىز، بىز ئۆلۈمگە ئىشەنگەن ئىنسانلارمىز، لېكىن، بۇنداق بىر ۋەقەدە ئەگەر سىز لىدېر بولسىڭىز، ئالدى بىلەن خەلقىڭىزگە ئۆلۈمسىزلىكنىڭ سىگنالىنى بېرىشىڭىز لازىم. چۈنكى، مەن <لىدېر تاشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالسا، خەلقنىڭ تاغنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىدىغانلىقى> غا ئىشىنىمەن.» دەپ جاۋاب بەردى.

پىروگراممىدا، ئەردوغاننىڭ «ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، تۈركىيەنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش قەدەمنى تاشلىشىنى كۈتىدىغانلىقى» غا دائىر سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەردوغان پىروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىغا «خەلق بۇنىڭغا مۇشۇنداق قارىماقتا. بۇ ئادەم سىلەردە نېمىشقا تۇرىدۇ؟ سەن ئۇنى ئۇ يەردە يوشۇرۇپ تۇرىدىغانلا بولساڭ، تۈركىيەنىڭ ۋە تۈرك خەلقىنىڭ قارىشى بۇنىڭدىن باشقىچە بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىروگراممىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال ياردىمى قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان كېلىشمەسلىك ھەققىدە توختىلىپ، «دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، دەپ باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ھىمايە قىلسىڭىز بولمايدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى <ياخشى- يامان> دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ. لېكىن، بۇ نۇقتىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كېلىشەلمىدۇق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە – رۇسىيە يېقىنلىشىشىنىڭ تۈركىيە – شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋابەن، «نۆۋەتتە بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ناتونىڭ قۇرۇلۇش ئەھدىنامىسىدە كۆرسىتىلگەن ماددىلارنىڭ روھىغا ئاساسەن داۋاملاشتۇرماقتىمىز ۋە ناتومۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

پىروگراممىنىڭ ئاخىرىدا، يېڭى ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن ھالدا، يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش، دەپ باھا بەرگەنلىكى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر