ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئارمىيە ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتابى باشلىقى جوسېف دۇنفوردنىڭ ئەنقەرەدىكى كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

605530
ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتابى باشلىقى جوسېف دۇنفورد تۈنۈگۈن (6-نويابىر) تۈركىيە ئارمىيە ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەندى.

كۆرۈشۈشتە، ھۇلۇسى ئاكار سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24-ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا باشلانغان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتىنى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋادىن قوللىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇساپىرغا ئايلانغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ جەرابلۇس ۋە باشقا ئولتۇراق رايونلارغا قايتىشىنىڭ، رايون مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مۈنبىچتىن پ ي د ياكى ي پ گ تېررورولۇق تەشكىلاتىنى چىقىرىۋېتىش، راققەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىراق ئارمىيەسى 17-ئۆكتەبىر مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم ھاۋادىن قوللىغان «مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى»، پ ي د نىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقتىكى پائالىيەتلىرى ۋە رايوندىكى مەزھەپ توقۇنۇش خەتەرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئەلباب ۋە راققە مەسىلىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا سۈرىيە بىلەن ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش يوللىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ تەلافەر بىلەن سىنجار رايونىدىكى سەزگۈرلۈكلىرى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى بىئاراملىقىنى قايتا تىلغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر