تۈركىيەدە توك ئىمپورتىدا كۆرىنەرلىك ئازىيىش كۆرۈلدى

تۈركىيەدە بۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدىن سېنتەببىر ئېيغىچە توك ئىمپورتىدا بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.

605409
تۈركىيەدە توك ئىمپورتىدا كۆرىنەرلىك ئازىيىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۇ يىل يانۋاردىن سېنتەبىرغىچە سىرتتىن ئېمپورت قىلغان توك مىقدارى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %30 تۆۋەنلىدى.

بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە گىرېتسىيە، بۇلغارىيە، گىروزىيە، ئىراق ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن 4 مىليارد 654 مىليون 21مىڭ كىلوۋات سائەت توك ئېمپورت قىلىندى.

بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە بۇ دۆلەتلەردىن سېتىۋېلىنغان توك مىقدارى بولسا 3 مىليارد 244 مىليون 448 مىڭ كىلوۋات سائەتكە تۆۋەنلىدى.

بۇلتۇر يانۋاردىن سېنتەبىرغىچە سىرتتىن توك ئېمپورت قىلىش ئۈچۈن 290 مىليون 417 مىڭ دوللار سەرپ قىلىنغان بولسا، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ سان %46 تۆۋەنلەپ 155 مىليون 801 مىڭ دوللارغا چۈشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ مەزگىلدە 134مىليون 616مىڭ دوللار تىجەپ قېلىندى.

يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە توك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە يەرلىك ۋە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلىشى توك ئېمپورتىنىڭ ئازىيىشىدا كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر