نۇمان قۇرتۇلمۇش بېلگىيە سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

نۇمان قۇرتۇلمۇش بېلگىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ «پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دېگەن قارارى ئۈستىدە توختالدى.

604350
نۇمان قۇرتۇلمۇش بېلگىيە سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش بېلگىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلدا ئوردۇ پائالىيەت كۈنلىرىگە  قاتنىشىپ ھەمشەھەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.  بۇ جەرياندا نۇمان قۇرتۇلمۇشتىن كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللار سورالدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش بېلگىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ «پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دېگەن قارارى ئۈستىدە توختالدى. بېلگىيە سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «قارىساق، بىز ياۋرو دۆلەتلىرىدىن بىرسى دەپ قارايدىغان مەلۇم بىر دۆلەت <پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، پ ك ك بىر ئەركىنلىك كۈرەشچىسى>  دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قارار ماقۇللاپتۇ. ئىنساپ دېگەن نەرسە يوقمۇ؟ نېمە دېگەن سەتچىلىك بۇ؟ بۇنداقمۇ ناھەق قارار بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇشۇنداق ئىشتىن بىرسى كەلگەن بولسا ئىدى، بەلكى شۇ چاغدا ئولتۇرۇپ ئويلاشقان بولاتتى» دېدى.

بىريۇسسېل مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 ئەزاسىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن باشقا يەنە، كىچىك بالىلارنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش، باشقىلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن سوتىدا «ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى تېررورلۇق ئەمەس» دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

بۇ قارارغا سەۋەب سۈپىتىدە «قوراللىق كۈرەشكە تېررورلۇق جىنايىتى دائىرىسىدە باھا بېرىشكە بولمايدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر