تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستا قوشۇمچە 181 تۇرالغۇ جايىنىڭ سېلىنىشىنىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

603197
تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: «ئىسىرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي قۇددۇستىكى قانۇنغا خىلاپ ئاھالىلەر رايونىدا 181 يۈرۈش ئۆينى سېلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىنى ئاياق-ئاستى قىلغان ۋە تىنچلىققا زىيان سالىدىغان ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر