ئەدلىيە مىنىستىرى بوزداغ گۈلەن ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئۆزى بارىدىغان بولدى

بەكىر بوزداغ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى دەلىللەرنى ئامېرىكىغا ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ

595900
ئەدلىيە مىنىستىرى بوزداغ گۈلەن ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئۆزى بارىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەكىر بوزداغ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلىپ ئەتە ئامېرىكىغا بارىدۇ.

مىنىستىر بوزداغ  چارشەنبە كۈنى تۈركىيە سائىتى 23:00 دا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى لورېتتا لۇنىيچ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

كۆرۈشۈشتە فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكىغا بۇرۇن ئەۋەتلىگەن 4 ماتېرىيال توغرولۇق مەلۇمات بېرىدىغان بوزداغ، بۇ ماتېرىياللارغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە قولغا چۈشكەن يېڭى دەلىل-ئىسپات ۋە مەلۇماتلارنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرىغا يەتكۈزىدۇ.

15-ئىيۇلدىكى قانلىق ھەربىي-سىياسىي ئىسياننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى گۈلەننىڭ يوليۇرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات ۋە يېڭى مەلۇماتلارنى ئامېرىكىلىق مەنسەبدېشى بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بوزداغ، ھەربىي-سىياسىي ئىسيان توغرۇلۇق 10-سېنتەبىردە ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن فەتھۇللاھ گۈلەننى ۋاقىتلىق نازارەتكە ئېلىش تەلىپىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ.

بوزداغ 10-سېنتەبىردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە قولغا كەلگەن يېڭى ئۇچۇرلار ۋە يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامېرىكىلىق مەنسەبدېشىغا بېرىدۇ.

كۆرۈشۈشتە بوزداغنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى گۈلەننى ۋاقىتلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكىدا تۈرلۈك پىروگراممىلارغا ئىشتىراك قىلىدىغان بوزداغ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەقپىسى تەرىپىدىن 27-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتوندا ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان «15-سېنتەبىر ھەربىي-سىياسىي ئىيسانى»تېملىق يىغىندا سۆز قىلىدۇ.

بوزداغ جۈمە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ھەربىي-سىياسىي ئىسيان توغرۇلۇق تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان «مىللىي ئىرادىنىڭ يۈكسىلىشى فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچلىش مۇراسىمىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ.

ئامېرىكىدا زىيارىتىدە بەكىر بوزداغقا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەدلىيە ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى ئەھمەت ئىيئايا، كومىتېت ئەزالىرى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ھاككى كۆيلۈ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر سۈھا ئالدان ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پالامېنت ئەزاسى ئىسمائىل فارۇق ئاكسۇ قاتارلىق شەخسلەر ھەمراھ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر