ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئاشتېن كارتېر بەشتەپە سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

594353
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش مەقسىتىدە دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق بىرقاتار ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن كارتېر ئالدى بىلەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق بىلەن كۆرۈشتى.

كارتېر چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر يىلدىرىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

تەخمىنەن 1 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشقا، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، باش مىنىستىرلىق مەسلىھەتچىسى فۇئات ئوكتاي، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى جون باس قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، كارتېرغا تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرىگە قارىتا سەزگۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كارتېر كېيىنچە بەشتەپە سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

30 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكىلىق مىنىستىرغا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى جىددىي مەسىلىلەرگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى.

كارتېر ئامېرىكىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان مۇسۇل ھەرىكىتىگە تۈركىيەنىڭمۇ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مېتود ئوخشىماسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىمۇ زىيارەت قىلغان  كارتېر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىغان جايلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر