ھاككارىدا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى
ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
593320
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 5 ئەسكەر يارىلاندى.
بۈگۈن سەھەردە چۇقۇرجانىڭ گۈۋەنداغى رايونىدا چارلاشقا چىققان ئەسكەرلەر، بىر گۇرۇپپا PKK تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. توقۇنۇشتا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 5 ئەسكەر يارىلاندى.
يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ھاككارى دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.