«ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش نىشانىغا يېتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

592462
«ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىدا چاقىرىلغان ئىسلام ئەللىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېتلىرى بىرلىكىنىڭ 36 – نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يغىنىغا قاتناشقان پارلامېت باشلىقلىرىنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەرگەندە قىلغان سۆزىدە، ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئىشلەش، پىتنە – پاساتلارغا قارشى ھۇشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، تۈرلۈك يىغىنلىرىمىزدىكىگە ئوخشاشلا كېڭىش مىخانىزمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە چارە تاپالايدىغان شارائىتنى يارىتىشىمىز لازىم.»

جۇمھۇر رەئىس ئافرىقىدىن ئوتتۇرا شەرققىچە، ئاسىيادىن ئامېرىكىغىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر خىل ۋە ناھايتى كۆپ مەسىلىلەرگە  ۋە سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئەڭ زامانىۋى قورال – ياراغلار، ۋارىل ۋە مىسكېت بومبىلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  بەزى كۈچلەرنىڭ ئىراق ۋە يەمەن ئارقىلىق شىئە – سۈننىي ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى يېقىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر