دابىق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلدى.

591457
دابىق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان سۈرىيەنىڭ دابىق بازىرىنىڭ، پۈتۈنلەي تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسا، پىلانلىق مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ شىئە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىراق ئارمىيەسى ۋە يەرلىك كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر