تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمىدا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى
ماردىن – دىيارباقىر تاش يولىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن يولغا تۇزاق قۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا تېررورىستلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.
ھاققارىنىڭ شەمدىنلى ۋە ۋاننىڭ باشقەلئە ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن يولغا تۇزاق قۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە 12 ئەسكەر يارىلاندى.
شەمدىنلى رايوندىكى ھۇجۇمدا 4، باشقەلئە رايوندىكى ھۇجۇمدا بولسا 8 ئەسكەر يارىلاندى.
ئەسكەرلەر دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.
بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئارمىيەسى يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان دىيارباقىر، ماردىن ۋە بىتلىستە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 9 دانە قورال - ياراغ قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىدى ھەمدە تونلارچە بومبىنى قولغا چۈشۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.