تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ كابۇل ۋە بەلىخ شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

588947
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا 11- ئۆكتەبىر، بەلىخ شەھىرىدە 12 – ئۆكتەبىردە ھازارالارنىڭ ئىككى قەبرىستانلىقىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 32 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە 70 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاندا ئەسىرلەردىن بۇيان بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپا ۋە ئېتىقادقا مەنسۇپ كىشىلەر ئارىسىدىكى تىنچلىقنى نىشانغا ئالغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز، ئۆلگەنلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر