شېھىت مەڭگۈجەك غازى ۋە مەڭگۈجەكلىكلەر

1071 – يىلى شەرقىي رىم ئىمپېراتورى رومانوس دىئوجېنىس بىلەن بۈيۈك سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانى ئالپ ئارسلان ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن مالازگىرت ئۇرۇشى تۈركلەرنىڭ زەپىرى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

587411
شېھىت مەڭگۈجەك غازى ۋە مەڭگۈجەكلىكلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەپەردىن كېيىن سۇلتان ئالپ ئارسلان قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان مەڭگۈجەك غازىنى ئانادولۇنى پەتھى قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى. مەڭگۈجەك غازى بۇ پەرمانغا ئاساسەن كەماھ، ئەرزىجان ۋە سىۋاس ئەتراپلىرىنى پەتھى قىلدى.

مەڭگۈجەك غازى دۆلىتىنىڭ 1080 – يىلى كەماھنى پايتەخت بولۇش ئۈچۈن قۇرغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىغا ئىسھاق بەگ تەختكە ئولتۇردى. بىراق دۆلەت 1142 – يىلى كەماھ ۋە دىۋرىگنى ئىككى مەركەزگە ئايرىدى. كەماھ – ئەرزىنجان ئەييۇبىيلار ۋە خارازمشاھلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان كېيىن 1228 – يىلى تۈركىيە سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانى ئالائەتتىن كەيكۇبات تەرىپىدىن يىمىرىلدى. بەگلىكنىڭ دىرۋىگى تارمىقى بولسا مەملۇكىيلار سۇلتانى بايبارس 1277 – يىلى ئانادولۇغا يۈرۈش قىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى.

سۇلتان مەلىك غازى قۇرغان بەگلىكنىڭ تۇنجى ئىسمى بولغان مەڭگۈ ئوتتۇرا ئاسىيا تىلىدا «ئەبەدى»، ئۇيغۇر شېۋىسىدە «مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان زاتنىڭ كۈچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەڭگۈجەك ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجى بەگلىرىنىڭ نەسەبىنىڭ ئەرزۇرۇم خوراسان تۈركلىرىگە مەنسۇپ ئېسىلزادە بىر ئائىلىگە تۇتىشىدىغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن دەپ قارىلىدۇ.

1118 – يىلى بەگلىكنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان ئەمىر ئىسھاقنىڭ دەسلەپكى ھۆكۈمدارلىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، مەڭگۈجەك غازىنىڭمۇ شۇ مەزگىللەردە ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. مەڭگۈجەك غازىنىڭ يەنە بىر ئىسمى مەلىك غازى ئىدى.

ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان مەڭگۈجەك غازى مەقبەرەسى ئىككى قەۋەتلىك، ئاستى موميالىق بولۇپ، ئىچىگە كىرىشتە ئىشىكتىن پەلەمپەي ئارقىلىق موميالىققا كىرگىلى بولىدۇ. موميالىقنىڭ ئۈستىدە پارسچە «دۇنيا مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇ مەڭگۈجەك سۇلتان تەرىپىدىن يورۇتۇلىدۇ» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان.

مەلىك غازىنىڭ مومياسى پات - پات ئېچىلغانلىقتىن بۇزۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ يەردە بەش مازار باردۇر.

مەلىك غازىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان فوندى جەمئىيەت ھۆججىتى ئىزاھاتىدا، «مەلىك غازى ئەرزۇرۇم، ئەرزىنجان، كەھام ۋە دىياربەكىر ۋىلايەتلىرىنىڭ پەتھى قىلغۇچىسى» دېيىلگەن.  مەقبەرەدىكى ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا يېزىلغان ئاپتوگرافىيەدە، مەڭگۈجەكلىك كەماھ مەلىكى فاھرەتتىن بەھرامشاھنىڭ سەلچۇقىيلار سۇلتانى ئىككىنچى قىلىچئارسلاننىڭ قىزلىرىدىن بىرىگە ئۆيلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەقبەرەدىكى يەنە بىر ئاپتوگرافىيەدە، «مەلىك ئالىم، ئادىل ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشكەن زات، زەپەر قۇچقۇچى، دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ياردەمچىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھامىيسى، سەلچۇقىيلار ۋە مەڭگۈجەكلىكلەرنىڭ ئىپتىخارى ئەبۇلفەتھ سەلچۇق بىن بەھرام شاھ بىن داۋۇد بىن ئىسھاق. ئۇ مەڭگۈجەك ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمەتلەر ۋە ئاتالارنى  بەخش ئەتسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

مەڭگۈجەك غازىنىڭ مەقبەرەسى ھەم ئىشلىتىلگەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ھەمدە مازارلىقىنىڭ ئورىگىنال شەكلى بىلەن دىققەت قوزغايدۇ. مەڭگۈجەك ئوغۇللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئانادولۇدىكى پەتھى قىلغان رايونلاردا ئىسلامىي قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلىشىدۇر.

مەڭگۈجەك بەگلىكى تۇنجى قۇرۇلغان يەرلەردىن بىرى بولغان ۋە مەڭگۈجەك ئوغلى ئەھمەد شاھ تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان دىۋرىگىدىكى ئۇلۇ جامەسى، كەماھ، ئەرزىنجان ۋە دىۋرىگنىڭ ئايرىم - ئايرىم پايتەخت بولغان دەۋرلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دىۋرىگى قەلئەسى جامەسى بىلەن قايىتباي جامەسىدە مەڭگۈجەكلىكلەر دەۋرىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچلىرىنىڭ ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان.

ئەرزىنجان مەڭگۈجەكلىكلەر دەۋرىدە سىياسىي ۋە تىجارەت مەركىزى ئىدى. ئانادولۇنى تەبرىز ۋە ئىرانغا تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ كارۋان يولىنىڭ بۇ رايوندىن ئۆتۈشى شەھەردە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى جانلاندۇرغانىدى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەڭگۈجەكلىكلەردىن قالغان بىناكارلىق يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ سەۋەبى، موڭغۇل ئىستىلاسى ئەسناسىدا شەھەرنىڭ قاتتىق ۋەيران بولۇشى ۋە بۇ رايوندا پات - پات يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىدۇر. دىۋرىگى شەرقىي قاراھاسار، كەماھ ۋە ئەرزىنجان شەھەرلىرىدىكى ئىسلامىي مەدەنىيەت - سەنئەت يادىكارلىقلىرى شېھىت مەڭگۈجەك غازى ۋە مەڭگۈجەكلىكلەردىن قالغان تەۋەرۈكلەردۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر