دىيارباكىردا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

دىياباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە پ ك ك (PKK) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە ھۇجۇمىدا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.

583056
دىيارباكىردا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىياباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ خائىنلارچە قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى.

ئابالى قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ كىللىھانەتەپەدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئەسلىھەلەرنى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى. يارىدار ئەسكەرلەر ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش ئاستىغا ئېلىندى. تېررورىستلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا تىك ئۇچارلارنىڭ ياردىمىدە ھەرىكەت باشلاندى.

شانلىئۇرفانىڭ ۋىرانشەھىر ناھىيەسىدە، پ ك ك تېررورىستلىرى كاراكۇزۇ قوراللىق ساقچى قىسىم پونكىتىغا يىراق مۇساپىلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئېتىشىشلاردا يارىلانغان بىر ئەسكەر دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

بىتلىسنىڭ سەھى ئورمانلىقىدا تېررورىستلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئىككى كىشى ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلدى، يەنە بىر كىشى يارىلاندى.

تۇنجەلىدە يول توسۇپ فىرات ئېلېكتېر تارقىتىش شىركىتىنىڭ بىر ئاپتوموبىلىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن پ ك ك تېررورىستلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت باشلاندى.

ئوۋاجىك ناھىيەسىدە بولسا، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش ۋە قوينىغا ئېلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر كىشى تۇتۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر