تۈركىيە – لائوس خەلق ئاۋىياتسىيەسى كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن لائوس ئوتتۇرىسىدا خەلق ئاۋىياتسىيەسى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىدىغان كېلىشىم كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ئىمزالاندى.

579501
تۈركىيە – لائوس خەلق ئاۋىياتسىيەسى كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مونترېئالدىكى خەلقئارا  پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى   تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇراسىمدا، كېلىشىمنى تۈركىيەنىڭ خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ئەلى رىزا چولاق بىلەن لائوس ئاممىۋى قۇرۇلۇش ۋە قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرى بونچاھ سىنتاۋوڭ ئىمزالىدى.

چولاق بۇ كېلىشىمنىڭ دەسلەپكى ئىمزاسىنىڭ 2011 – يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كېلىشىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى مۇناسىۋەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ ھەمدە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كېلىشىم سايىسىدا ئىستانبۇل بىلەن لائوسنىڭ پايتەختى ۋيېنتيان ئوتتۇرىسىدا ھەر ھەپتە 7 قېتىملىق ھاۋا قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.»

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە بىلەن ھاۋا قاتنىشى كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 165 كە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا نامزات بولدى.

تۈركىيە ئەزالىققا سايلانغان تەقدىردە، كېڭەشتە 2017 -، 2018 – ۋە 2019 – يىللىرى ۋەكىللىك قىلىنىدۇ ھەمدە دۇنيا مىقياسىدا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر