يىلدىرىم: فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ چوقۇم ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

576663
يىلدىرىم: فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئەرزىنجان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەقپى تەرىپىدىن چاقىرىلغان كېڭەش ۋە ھەمكارلىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «پۇقرالىرىمىز بەرگەن ھەر بىر سىنتنى بۇرۇنلىرىدىن چىقىرىمىز. ھېچكىم 15 – ئىيۇلنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئورۇنمىسۇن. بۇ ئاڭ ئالدىدا قىلىنىدىغان بىردىنبىر ئىش دوپپىسىنى ئېلىپ تەزىم قىلىشتۇر» دېدى.

15 – ئىيۇل كېچىسىگە ئىككىنچى ئازادلىق ئۇرۇشى، دەپ باھا بەرگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر