ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنى فەتھۇللاھ گۈلەن ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئىبراھىم كالىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولغان بارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

575275
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنى فەتھۇللاھ گۈلەن ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتتىبېشى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىبراھىم كالىن  ت ر ت قانىلىنىڭ پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت بولغان بارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سەيشەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقى ئارقىلىق ئەقىل، ۋىجدان، ئادىمىيلىق ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ ساداسى سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنياغا خىتاب قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەردوغاننىڭ ئۆز نۇتۇقىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىگە چوڭ ھۇجۇم قىلماقچى بولغان 15 – ئىيۇلدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغاننىڭ دېموكراتىيەگە، ئەركىنلىككە ئىشىنىدىغان خەلقلەر ۋە دۆلەتلەرگە قاراتقان ھالدا، بۇ خائىنلارچە ھەرىكەتنى توسۇپ قالغان تۈرك خەلقىنىڭ ھېكايىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا چاقىرىق قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم كالىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن قايتۇرۇلۇشى ئۈستىدە توختىلىپ، چوقۇم قايتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى قەدىمى سۈپىتىدە نازارەتكە ياكى قولغا ئېلىش ئۈچۈن قانۇنىي خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى. فەتھۇللاھ گۈلەننى ئۇچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىش ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىزنىڭ تەلىپىمىز بىۋاستە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدۇر. چۈنكى بۇ كىشى تۈركىيە پۇقراسىدۇر. تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى يۈزىسىدىن تەلەپ قىلىنماقتا. ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەمەس، ئۇدۇل تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى بىزنىڭ بىرىنچى تەلىپىمىزدۇر. ھازىرغىچە يوللانغان رەسمىي تەلەپلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىلىق  قارار بەرگۈچى مەسئۇللارنىڭ بۇ ئىشتا ھەقىقىي تۇردە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى كەسكىن ھېسابقا تارتىشى لازىم. تۈركىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشقىمۇ پەرۋا قىلماستىن، بۇنداق ھىمايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا ياكى شۇنداق كۆرۈنىدىغان ئۇقۇم يارىتىدىغان بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ» دېدى.

ئىبراھىم كالىن تۈركىيەدە بۈگۈنكى كۈندە «ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بار» دەپ قارايدىغانلار مۇئەييەن بىرەر گۇرۇپپا ياكى پارتىيەلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈركىيە خەلقى ئىكەنلىكىنى، ھەممەيلەننىڭ بۇ نۇقتىدا ئاساسەن دېگۈدەك بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى ۋە: «بۇ خەلق ئىتتىپاقلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان بولسىڭىز، تۈركىيە خەلقىگە خاتا باھا بەرسىڭىز،  تۈركىيەنىڭ ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ دېنامىكلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان بولىسىز. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى يالغۇز تۈركىيە ياكى ئامېرىكىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان تەشكىلاتلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇلار مەۋجۇت بولغان بارلىق دۆلەتلەردە كەلگۈسىدە يەنە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن بولغان ھەمدە تۈركىيەدىكى ئوخشاش دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تەشكىلاتتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر