«ئەردوغان ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ساداسى» بەلگىلىك ئۇچۇر تۋىتتېرنى لەرزىگە كەلتۈردى

ئەردوغان سۆزىدە، «ئۆلۈم ۋە زۇلۇمدىن قاچقان پاناھلانغۇچىلار ياۋروپا شەھەرلىرىدە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ شەرىپى ۋە ۋىجدانىنى زىدە قىلىدىغان نومۇس قىلارلىق بىر ئەھۋال» دېگەن ئىدى.

574230
«ئەردوغان ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ساداسى» بەلگىلىك ئۇچۇر تۋىتتېرنى لەرزىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 71 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى كېڭىشىدە  قىلغان سۆزلىرى ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى.

تۋىتتېردا «#ErdoganVoiceofTheOppressed» «ئەردوغان ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ساداسى» بەلگىلىك ئۇچۇر، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مىڭلىغان قىسقا ئىنكاسلارغا ئېرىشتى ۋە ھەمبرەھىرلىشىشتە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمۇىي كېڭىشىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىراق ۋە سۈرىيەدە سان - ساناقسىز ئىنسانلارنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەسلەتكەن ۋە يۇرتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان پاناھلانغۇچىلارنىڭ ياۋروپادا كەمسىتىش خاراكتېرلىك پوزىستىيەلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەردوغان سۆزىدە، «تېررورلۇقنىڭ ۋە ئۇرۇشنىڭ پەنجىسىدە نالە قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە مىڭلىغان كىچىك بالىلار، ئاياللار، ياشلار ۋە ياشانغانلار  ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆلتۈرۈلمەكتە.  ئۆلۈم ۋە زۇلۇمدىن قاچقان پاناھلانغۇچىلار ياۋروپا شەھەرلىرىدە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئىنسانلار ئاچارچىلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، نامراتلىق ۋە جاھالەتكە غەرق بولماقتا. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ شەرىپى ۋە ۋىجدانىنى زىدە قىلىدىغان نومۇس قىلارلىق ئەھۋال. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق تەرىپى بۇ كىرىزىسلەر ۋە مەسىلىلەرنىڭ ئەسلىدە شۇنداق ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان ماھىيەتتە ئىكەنلىكىدۇر. كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرجەملىكى، باياشاتلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئاساسەن دېگۈدەك بۈگۈن بىز تاشلايدىغان قەدەملەرگە شۇنداقلا ئالىدىغان تەبىرلەرگە باغلىقتۇر» دېگەن ئىدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور قىزىقىش بىلەن تەقىپ قىلىندى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە مىڭلىغان قىسقا ئۇچۇرلار يېغىشقا باشلىدى.

«#ErdoganVoiceofTheOppressed» «ئەردوغان ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ساداسى» بەلگىلىك ئۇچۇر قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تۋىتتېردا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان ۋە ئەڭ كۆپ ھەمبەرھىرلىشىلگەن ئۇچۇرغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر