دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قۇربان ھيېتلىق تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

بۈگۈن قۇربان ھېيت... دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.

569627
دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قۇربان ھيېتلىق تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، قۇربان ھېيتىنىڭ خەلققە، ئىسلام ئالەمىگە شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېگراممىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «خەلقىمىز ئۆز ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالماستىن، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئارقىلىق دۆلىتىنى باش ئەگدۈرەلەيدىغانلىقى، دۆلىتىنى قولغا كىرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قالغۇچىلارغا روشەن سىگنال بەردى. بۇ خىل نىيەتلەر بىلەن يولغا چىققۇچىلار شۇنى بىلىپ قېلىشى كېرەككى، 750 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسى، 260 مىڭ كىشىلىك ساقچى قىسىملىرى، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 79 مىليون خەلقى بىلەن بىر تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «نىشانىمىز بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا، 2053 ۋە 2071 پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بىر تۈركىيەنى قالدۇرۇپ كېتىشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار قۇربان ھېيتلىق تېلېگراممىسىدا، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلۇپ بولغۇچە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ» دېدى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار، ھېيتلارنىڭ خاتىرجەم ۋە ئامان – ئىسەنلىك ئىچىدە قۇتلىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا چېگرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدە ۋە دۆلەتنىڭ سىرتىدا كېچە – كۈندۈز دېمەستىن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان قۇربان ھېيتلىق تېلېگراممىسىدا، «ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز رەڭدارلىقلىرىمىزنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بىرلىكتە ياشنىتىشتۇر» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بولسا قۇربان ھېيتلىق تېلېگراممىسىدا، «خىيانەت شايكىلىرى، بىر گەۋدىگە ئايلانغان بىر مىللەتنىڭ پۈتۈنلۈكىگە قەتئىي زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بىرلىكىمىزنى بۇزماقچى، كۈچىمىزنى ئاجىزلاتماقچى بولغان پۈتكۈل ئۇ پاسكىنا ئويۇنلار بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىكتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

كۈرەشنىڭ تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم، «ھېچبىر خىيانەت شايكىسى خەلقنىڭ بېشىنى ئەگدۈرەلمەيدۇ» دېدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇ قۇربان ھېيتلىق تېلېگرامىسىدا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدا ۋە چېگرايىمىزنىڭ سىرتىغىچە كېڭەيگەن تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزدە بەرگەن شېھىتلىرىمىز ھېيتنى قايغۇغا ئايلاندۇردى» دېدى. ئۇ يەنە، «قۇرۇلغىنىدىن بۇيان ئىسلام دۇنياسى بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل مەزلۇم دۆلەتلەرنىڭ ئۈمىدىگە ئايلانغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ نېگىزىدە ئۇلۇغ داھىي ئاتاتۈرك بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرغان ‹دېموكراتىك، لائىك ۋە ئىجتىمائىي قانۇن دۆلىتى› خېمىرتۇرۇچى بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىلدۇر» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ھېيتلىق تېلېگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.

مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلى بولسا، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى قىيىن، شۇنداقلا ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلۈۋاتقان بىر باسقۇچتىن ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «دۈشمەن ئىستىھكاملىرىدا ئىتتىپاقداش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، PKK، دائېش، DHKP-C، PYD/YPG دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېلىنىڭ سۇندۇرۇلۇشى، پۈتۈنلەي يۇقىتىلىپ تاشلىنىشى مىللىي رۇھ ۋە خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ.» دېدى ۋە پاجىئە ۋە كىرىزىس ئەلچىلىرىگە پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر