بىنالى يىلدىرىم: سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلىدىغان ئۈزۈل – كېسىل تىنچلقىنىڭ بىر خىل زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

569825
بىنالى يىلدىرىم: سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ھېيت نامىزىدىن كېيىن بايانات بەرگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، سۈرىيەدە قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە سۈرىيەدىكى 6 يىلنىڭ مابەينىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ھېچكىم غەلىبە قۇچالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«ھېچقانداق بىر سەۋەب بىر ئىنساننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يوللۇق ھېسابلانمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىنسانلارنى ياشنىتىشتۇر» دېگەن يىلدىرىم، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق رايوندىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق مۇساپىسىگە تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر قېتىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چاقىرىق قىلىمەن: بەس كۇپايە، 6 يىل بولدى. يەنە قانچىلىك ئىنسان ئۆلىدۇ؟! كېلىڭلار بۇ ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزۇن مەزگىللىك ھالەتكە كەلتۈرەيلى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە سۈرىيەدە پۈتكۈل گۇرۇپپىلار، پۈتكۈل مەزھەبلەر، پۈتكۈل ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋەكىللىك قىلدىغان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قەتئىي دەخلى قىلمايدىغان بىر ھاكىمىيەت شەكلىنى بۇ يەردە تەسىس قىلايلى.»

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان يىلدىرىم، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دائېش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى ھەقىقىي ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغۇچە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ جان ۋە مال – مۈلكى بىخەتەر ھالەتكە كەلگۈچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ رايون پۈتۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلانغۇچە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر