سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ 3 ئەسكىرى شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررور ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە باشلانغان ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› نىڭ 14 – كۈنىدىكى توقۇنۇشلار ئەسناسىدا تۈركىيەنىڭ 3 ئەسكىرى شېھىت بولدى.

566651
سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ 3 ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررور ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە باشلانغان ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› نىڭ 14 – كۈنىدە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ ۋۇقۇف رايونىدىكى توقۇنۇشلار ئەسناسىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تانكىسىغا راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 3 ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى زەمبىرەكچىلەر قىسىملىرى، ھەرىكەت رايونىدىكى تېررورچىلارغا تەۋە 50 نىشانغا 225 زەمبىرەك ئوقى بىلەن ناھايىتى دەل زەربە بەردى.

ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان جەمئىي 443 نىشانغا 1924 قېتىم بومبا، زەمبىرەك ۋە راكېتامىيوت ئېتىلدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ۋۇقۇف ۋە سەدۋى يېزىلىرىنىمۇ قولغا كىرگۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر