يىلدىرىم: كۈرىشىمىز مۇداپىئەدە تۇرۇش ئەمەس، ھۇجۇم شەكلىدە داۋاملىشىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، بۇنىڭدىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇداپىئەلىنىش شەكلىدە ئەمەس، ھۇجۇم قىلىش شەكلىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

565643
يىلدىرىم: كۈرىشىمىز مۇداپىئەدە تۇرۇش ئەمەس، ھۇجۇم شەكلىدە داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدىكى ھەربىي قىسىملارنى يوقلىغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، تۈركىيەنىڭ ھازىرلاپ باشلاپ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يېڭىچە ئۇسۇل ۋە يېڭىچە يول خەرىسىتىگە قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇداپىئەلىنىش شەكلىدە ئەمەس، ھۇجۇم شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، تېررورچىلارنىڭ ئۇچرىغان يەردە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر