ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايوندا داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەردى...

565419
ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايوندا داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.

بۈگۈن ئەتىگەن چۇقۇرجا ناھىيەسىگە قاراشلىق چاغلايان رايونىنىڭ داغباشى، قەلئە ۋە سەنى تەپە تەۋەلىكلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر گۇرۇپپا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى بىلەن ئەسكەرلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى؛ دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر