ئەردوغان مۇخبىرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

565750
ئەردوغان مۇخبىرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازاى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىننىڭ ئەھمىيىتى، تۈركىيە باشتىن كەچۈرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، مۇساپىرلار مەسىلىسى، تېررورىزم، يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ سوئال – جاۋاب قىسمىدا، بىر خىتاي مۇخبىرنىڭ «سىز خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىڭىزدا ‹شەرقىي تۈركىستان› مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتىڭىزمۇ؟ ئۇ يەردىكى ئىسلامىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا سۆزلەشتىڭىزمۇ؟ خىتاي بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش بويىچە روشەن ھالدا قانداق ئىشلارنى قىلىسىز؟ بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلامىي ھايات بىلەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ئايرىش لازىم. قەيەردىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىققا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنىڭ (شى جىنپىڭ) بىلەن ئورتاقلاشتۇق ۋە بۇ ھەقتە تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا قارشى بىرلىكتە بولالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. نۆۋەتتە دائېش نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ دائېش ئىسلامدىن پايدىلانماقتا. دائېشنىڭ ئىسلام بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەمما، ئۇلار ئىسلام نامىدىن ئوتتۇرىدىمىز، دېيىشىدۇ، قەتئىي ئالاقىسى يوق. دائېش تۈركىيەدە قىلغان ھەرىكەتلىرى بىلەن... بىر ئىنساننى ئۆلتۈرۈش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ خىتايدا بولسىمۇ ئوخشاشتۇر، تۈركىيەدە بولسىمۇ ئوخشاشتۇر، ئوتتۇرا شەرقتە بولسىمۇ ئوخشاشتۇر. بۇلارغا يول قويۇش مۇمكىن ئەمەس... مەنىسى تىنچلىق بولغان بىر دىن قانداقسىگە تېررورلۇققا يول قويىدۇ؟! بۇنداق بىر ئىش بولامدۇ؟! بۇ يەردىن بىرى تېررورچى بولۇپ چىقسا، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇ لەنەتلىكتۇر. بىز ئۇنىڭغا ئەپۇچانلىق بىلەن قارىيالمايمىز، قەيەردە بولسا بولسۇن تېررورچىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر