ئەردوغان خىتايدا قايسى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى؟

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدا نۇرغۇن رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.

565550
ئەردوغان خىتايدا قايسى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى؟
erdoğan, mondi kabul.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى دائىرىسىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنى قوبۇل قىلدى.

مەتبۇئاتقا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت 30 مىنۇت داۋاملاشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرىزېدېنتى فىرانسۇا ئولاند ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېئو رېنزى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

«ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە مالىيە باشقۇرۇشى» ۋە «كۈچلۈك خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما»تېمىلىق يىغىنلارغىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئەردوغان، گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر