ئەردوغان نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

561438
ئەردوغان نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ۋە يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مودى تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، دېموكراتىيەگە ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارقىلىق پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندىستاننى ۋە باشقا دوست دۆلەتلەرنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى دىققەتكە ئالغانلىقلىرىنى ۋە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئالدىمىزدىكى ئايدا خىتايدا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر