ئەردوغان، «يا بىز ياكى ئۇ» دېدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلىغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

561267
ئەردوغان، «يا بىز ياكى ئۇ» دېدى
cumhurbaşkanı erdoğan gaziantep'te.jpg
cumhurbaşkanı erdoğan gaziantep'te.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپتە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 20 – ئاۋغۇستتا سادىر قىلىپ، 54 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن «بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غانئانتەپ 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلىپ، خەلققە خىتاب قىلدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورلۇق ئۇسۇللىرىنىڭ ھېچبىرىگە تەسلىم بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، 20 – ئاۋغۇستتىكى ھۇجۇمنىڭ غەرىزىنىڭ ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىغا، سىياسىي قاراشلىرىغا قاراپ، بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق ئۇلارنى قوزغىتالايمىز، دەپ ئويلىغانلار يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى» دېدى.

سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىنى دائېشتىن تازىلاش مەقسىتىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «جەرابلۇسنىڭ ئىگىلىرى ھازىر جەرابلۇسقا ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. غازىئانتەپتىكى جەرابلۇسلۇق قېرىنداشلىرىمدىن جەرابلۇسقا قايتىشنى خالايدىغانلار بولسا، ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىمىز» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى. يىغىلىش مەيدانىدىكى خەلقنىڭ «ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىمىز» دەپ شوئار توۋلىشىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، خەلقنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ قارارىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «سىلەرنىڭ بۇ تەلىپىڭلارنى مەن ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، بۈگۈن يەنە بۇ يەردىن يەتكۈزىمەن. بۇنى مۇزاكىرە قىلىشلىرى، ئارقىدىن قارار چىقىرىشلىرى كېرەك. قارار ئالدىمغا كەلگەندە بولسا، مەن ئۇ قارارنى تەستىقلايمەن» دېدى.

ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە دۇنيادىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرگە تېلېفون ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. ئۇلارغا ‹يا بىز، ياكى ئۇ› دەۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىر – بىرلىرىگە قارشىدەك كۆرۈنۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسلىدە بىرلا مەركەزدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا ئوخشاش ‹سۈرەت› نىڭ بارلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرىنى، ئەمدى بۇ پەسكەش ئويۇندىن ۋاز كېچىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر