تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا نۇرغۇن ساندا تانكا ۋە بىرونىۋىكلەرنى يۆتكىمەكتە
تۆمۈر يول ئارقىلىق ئىسلاھىيە پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ بارغان تانكا ۋە بىرونىۋىكلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدىكى سۈرىيەنىڭ مەيدانى ئەكبەز رايونىنىڭ ئۇدۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
560677
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى 2 – بىرونىۋىك قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىدىكى تانكا ۋە بىرونىۋىكلەر غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.
تۆمۈر يول ئارقىلىق ئىسلاھىيە پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ بارغان تانكا ۋە بىرونىۋىكلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قويرۇقچىسى پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدىكى سۈرىيەنىڭ مەيدانى ئەكبەز رايونىنىڭ ئۇدۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. يۆتكەش خىزمەتلىرى 6 – سىنتەبىرغىچە داۋاملىشىدۇ.
تانكا ۋە بىرونىۋىكلەرنىڭ بىر قىسمى سۈرىيە چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېھتىياجغا كۆرە چېگرا لېنىيەسىدىكى قىسىملارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.