تۈرك شىركەتلىرى ئىراندا مېھمانساراي سالىدۇ

تۈرك سېلىنما شىركىتلىرى ئىراندا مېھمانساراي سېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

559959
تۈرك شىركەتلىرى ئىراندا مېھمانساراي سالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەسئۇد سۇلتانىفەر تۈرك كارخانىچىلارنىڭ 10 دانە 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سۇلتانىفەر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران ۋە تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن ماي ئېيىدا ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئىراندا مېھمانساراي سېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈرك كارخانىچىلار كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن تېھران، ئىسفاھان، شىراز، تەبرىز ۋە مەشھەدتە كەم دېگەندە 10 دانە مېھمانساراي سالىدۇ  ۋە بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى ئىران بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سېلىنما مەسىلىسىدە تەشۋىق قىلىش ۋە ساياھەت شىركەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

ئىراندىن تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئايروپىلان سەپەرلىرى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ.

ئىككى دۆلەت خىتاي، ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە مالايشا قاتارلىق يىراق ئەللەردىمۇ ئورتاق تونۇشتۇرۇش ۋە ساياھەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر