كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئاپتوموبىللىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن بىخەتەر جايغا يۆتكەپ كېتىلدى.

559347
كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئاپتوموبىللىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارتۋىندە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتومۇبىللارغا ئورمانلىقتىن ئوق ئېتىلدى.

ئاپتوموبىللارنى قوغداشقا تەيىنلەنگەن ژاندارما ئەترىتى ھۇجۇمغا دەل ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇردى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا ھۇجۇمنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ژاندارما ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىرى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي ئۈچ نەپەر ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن بىخەتەر جايغا يۆتكەپ كېتىلدى.

بۇ ئارىلىقتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كەمال قىلىچدارئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ ھال سورىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ قىلىچدارئوغلۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈۋاتقان يولدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇش ھەققىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ۋالىيغا تېلېفون فىلىپ مەلۇمات ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر